جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ھەمكارلىق سۇپىسى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە «جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ھەمكارلىق سۇپىسى» يىغىنى دائىرىسىدە ئەزەربەيجان، ئىران، رۇسىيە ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.

2199934
جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ھەمكارلىق سۇپىسى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي كاۋكاز رايونى ھەمكارلىق سۇپىسى» يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. يىغىندا رايوندا مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە پاراۋانلىقنى ئاشۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

يىغىن ئاخىرىدا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئورتاق باياننامە ئېلان قىلىپ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تەرەپلەر قاتناش كارىدورلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر