فىدان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيتنى پايتەخت ئەنقەرەدە قوبۇل قىلدى.

2199609
فىدان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپىنى قوبۇل قىلدى
fidan guterres.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيت بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، خاقان فىدان ئەھمەد ئەبۇلغەيت بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، لىۋان ۋە ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە قىبرىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر