ئەردوغان: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىزنىڭمۇ بىلگۈمىز بار

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرى توغرىسىدا توختىلىپ: « ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنى توختىتىش ئۈچۈن يەنە نېمىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى راستىنى ئېيتقاندا بىزنىڭمۇ بىلگۈمىز بار» دېدى.

2198660
ئەردوغان: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىزنىڭمۇ بىلگۈمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە توختىمايدىغانلىقىنى، كۆزىنى رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە تىكىدىغانلىقىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىشى ئەندىشىلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت نىڭ ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، تەھدىت سالىدىغان دەرىجىدە ھەددىدىن ئېشىشى مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك. ئۆز خادىملىرىنىمۇ قوغدىيالمايدىغان ب د ت نىڭ كۆرۈنۈشى خەلقئارا سىستېما ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق شۇنداقلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنى توختىتىش ئۈچۈن يەنە نېمىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى راستىنى ئېيتقاندا بىزنىڭمۇ بىلگۈمىز بار. ئىسرائىلىيە تانكىلىرى تىنچلىق ساقلىغۇچى قىسىملارغا ھۇجۇم قىلىپ، بەزىلىرىنى يارىلاندۇرۇۋاتىدۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بولسا بۇ قاراقچىلىقلارنى پەقەت تاماشا قىلىپلا تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

«زىئونىزىنىست غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ شەرتسىز قوللىشىغا ئېرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، ھۇجۇملىرىنى توختاتمايدۇ» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پۈتۈن رايوننى قوينىغا ئالغان بۇ كىرىزىستىن تۈركىيەنى ئاسانلا چىقىرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر