فىدان تارقاقلاشتۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بېيرۇتتىن مەرسىنگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان لىۋاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرغان پاراخوتلارنىڭ، بېيرۇتتىن تۈركىيەنىڭ مەرسىن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2197014
فىدان تارقاقلاشتۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بېيرۇتتىن مەرسىنگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان لىۋانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرغان پاراخوتلارنىڭ، لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىن تۈركىيەنىڭ مەرسىن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىر فىدان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئىسرائىلىيە رايوندا قوزغىغان ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىي كىرىزىس ئالدىدا، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى خەلقلەرگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى شۇنداقلا، چەت ئەلدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ جان ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەب تاييىپ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، لىۋاندىكى پۇقرالىرىمىزنى بىخەتەر ھالدا تارقاقلاشتۇرغان ۋە قېرىنداش لىۋان خەلقىگە ئىنسانىي ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن پاراخوتلىرىمىز بېيرۇتتىن مەرسىنگە قاراپ يولغا چىقتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقسىىدا تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى بېسىلغان TCG بايراقتار ۋە TCG سانجاقتار ناملىق ئىككى پاراخوتى بېيرۇت پورتىغا يېتىپ بېرىپ، ياردەم ئەشيالىرىنى لىۋان دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، رايوندا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى باشلىغانىدى.

تارقاقلاشتۇرۇلغانلار ئارىسىدا ياشانغانلار، مېيىپلار، بوۋاقلار، بالىلار بىلەن باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تۈركىيە 2006-يىلىدىكى 34 كۈن داۋاملاشقان ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر