فىدان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كېڭىيىش خەۋپىنىڭ بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2196886
فىدان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان كىرودىيەنىڭ دۇبروۋنىك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇكرائىنا ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان «ئۇكرائىنا-شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى»غا قاتنىشىپ سۆز قىلدى؛ ئۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ، باش (2022-يىلى 2-ئاي)تىن تارتىپلا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغان تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ سۆھبەتلىشىشىگە ساھىبخانلىق قىلغانلىقىنى، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى ۋە ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشتا ئاسانلاشتۇرغۇچى رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىش خەۋپىنىڭ بۇرۇنقى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، يادرو ۋە ئاممىۋى قىرغۇچى قوراللارنىڭ ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىش خەتىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر خاقان فىدان، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى قۇتۇپلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سىجىللىققا ئىگە ھەل قىلىش چارىسىنى رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر فىدان، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى، يادرو ئېنېرگىيەسى مەيدانلىرى ۋە مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلمىلارنى قوغداشنىڭ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقىنى يېنىكلىتەلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر