تۈركىيە پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

2196437
تۈركىيە پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونى ۋە كاراچى شەھىرىدە يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇملاردا قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.

باياناتتا يەنە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە پاكىستاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

7-ئۆكتەبىردە كاراچىدىكى جىنناھ خەلقئارا ئايرودرومىغا يېقىن يەردە كېتىۋاتقان خىتاي ئېلېكتر شىركىتى خادىملىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى بالۇجىستان ئۆلكىسىدىكى بالۇج ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈستىگە ئالغان؛ ھۇجۇمدا چەت ئەللىك 3 كىشى ئۆلگەن، 17 كىشى يارىلانغاندى.

5-ئۆكتەبىردە پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى شىمالىي ۋەزىرىستان ناھىيەسىدە پاكىستان تالىبانى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئالتە ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر