تۈركىيە تېررورچىلارنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن يەنە بىرنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى پ ك ك / ي پ ج نىڭ ئامۇدە رايونى ئاتالمىش مەسئۇلى تېررورچى ھەزال بەلگەنى ئۇجۇقتۇردى.

2195989
تۈركىيە تېررورچىلارنىڭ ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن يەنە بىرنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئۇچۇر ئىگىلەش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى پ ك ك / ي پ ج نىڭ ئامۇدە رايونىدىكى ئاتالمىش مەسئۇلى «جىندا گۇندىكرامو» كود ئىسىملىق تېررورچى ھەزال بەلگەنىڭ تۈركىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بايقالغان.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ زەربە ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولغان بەلگە، نۇرغۇن قېتىملىق ھەرىكەت ئۇرۇنۇشلىرىنى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا ئامۇدەدە ئوتتۇرىغا چىققان تېررورچى بەلگە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يوقىتىلغان.

تېررورچىنىڭ سۈرىيە خەلقىنى تەشكىللەپ تېررور تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىمۇ ئېنىقلاندى. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تاغدىكى ئەزالىرى سېپىگە 2004-يىلى قوشۇلغان بەلگە، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۇزۇن يىللار پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

كېيىن سۈرىيەگە ئۆتۈپ، تەشكىلاتنىڭ پ ك ك / ي پ ج ئاتالمىش مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان بەلگە، 2021-يىلى بىر توقۇنۇشتا بېشىدىن يارىلانغاندىن كېيىن ئىراقنىڭ سۇلەيمانىيە شەھىرىدە داۋالانغان ۋە سۈرىيەگە قايتىپ كېلىپ، پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ئامۇدە مەسئۇلى بولۇپ پائالىيەت قىلىشنى باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر