ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېدى.

2195109
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە ئۇچرىشىش پروگراممىلىرىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە خەلقىگە قارشى باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ بىر يىلنى تاماملىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 364 كۈن ئىچىدە، 17 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالا، مىڭلىغان ئايال، ياشانغانلار، پۇقرالار، دوختۇرلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە شېھىت قىلىنغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا 50 مىڭغا يېقىن بىگۇناھ ئىنساننىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: «خەلقئارا قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر، ئۇرۇش قانۇنى، ئىنسانغا ۋە ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق قىممەت قاراشلار ئاياق ئاستى قىلىندى. 360 كۋادرات كىلومېتىرلىق رايوندا ئۆتكۈزۈلمىگەن ھېچقانداق جىنايەت ۋە ۋەھشىيلىك قالمىدى. ئەمما ئۇلار نېمە ئىش قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، غەززە خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى. غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىز بارلىق ئىمكانىيەتسىزلىكلەرگە قارىماستىن، ئۇممەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرىغا ئايلىنىپ 364 كۈندىن بۇيان زىئونىست تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى» دېدى.

پەلەستىننىڭ قەھرىمان ئەۋلاتلىرىغا ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتىنى يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل رايوننى قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىپلاس پىلانلىرىنى كۆرگەن، ئاشكارىلىغان شۇنداقلا ئاقىۋەتلىرىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئاگاھلاندۇرغان يەنە تۈركىيە بولدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر