دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامىسى ئېلان قىلىندى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن باياننامە ئېلان قىلىندى.

2194604
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياننامىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن (3-ئۆكتەبىر) دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى.

يىغىندا، زىممىسىگە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىن ھالقىپ، توقۇنۇشنى ئوتتۇرا شەرققە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

يىغىندىن كېيىن، باياننامە ئېلان قىلىندى.

باياننامىدە، سۈرىيە زېمىنلىرىغا ئورۇنلىشىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل  داۋاملىشىدىغانلىقى، تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق بىر پىلان ياكى ھەرىكەتكە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ئىراقنى ئاساس قىلغان بىر قاتار دۆلەتلەرگە ئورتاق تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/پ ي د/ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياننامىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى:

 «ئىسىرائىلىيەنىڭ توقۇنۇشلارنى ئوتتۇرا شەرققە كېڭەيتىش ئۈچۈن پەلەستىن زېمىنلىرىدىن باشقا يەرلەرگە تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئاساس قىلغان زىممىسىگە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇملىرى ئالدىدا، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە قېرىنداش دۆلەت لىۋان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنى <قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم> ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرىشىنى چەكلىشىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى سۈپىتىدە قاتتىق ئەيىبلەندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر