ئەردوغان: خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ زومىگەرلىكىگە تېخىمۇ كۆپ سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ زومىگەرلىكىگە ئەمدى تېخىمۇ كۆپ سۈكۈت قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەنلىكىنى، يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق لىۋانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى پەلەستىن ۋە لىۋاننى قوغداشنىڭ ئىنسانىيەت، تىنچلىق ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەدەنىيىتىنى قوغداش دېگەن ئۇقۇم بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«ئىسلام دۆلەتلىرى غەززە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە لىۋاندىكى زۇلۇمغا ئەڭ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۈتكۈل دۇنيا ئەللىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.»
ئەردوغان ئەسلىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىتا پوزىتسىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«خۇدىنى يوقاتقان ۋە پۈتكۈل روھىي دۇنياسى نەپرەت بىلەن تولۇپ تاشقان بىر تۈركۈم رادىكال زىيونىستلار رايونىمىزنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرمەكتە. بىز بۇ زۇلۇمغا، بۇ ۋەھشىيلىككە ھەرگىز رازى بولمايمىز. خەلقئارا جەمئىيەت پۈتكۈل رايوننى ئۇرۇش ئوتىغا ئىتتىرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ زومىگەرلىكىگە تېخىمۇ كۆپ سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ.»
«خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى رايونىمىزدىكى مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە خىرىستىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) قوبۇل قىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئىقتىسادىي، سودا ۋە دىپلوماتىك قەدەملەرنىڭ تاشلانمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.