تۈركىيەنىڭ «ياخشىلىق پاراخوتى» سومالىغا قاراپ يولغا چىقتى
سومالىنىڭ ئاچارچىلىققا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەييارلانغان تۈركىيەنىڭ «ياخشىلىق پاراخوتى» مەرسىن پورتىدىن يولغا چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىدا تەييارلانغان ياردەملەر تەخمىنەن 3000 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.
تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى باشلىقى ئوكاي مەمىش پورتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزۇتۇش مۇراسىمىدا، 2016 - يىلدىن بېرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ كۆيۈمچان قولىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە سوزۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوكاي مەمىش، سومالىغا ھازىرغىچە 60 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئوكاي مەمىش غەززەگىمۇ تەخمىنەن 80 مىڭ توننا ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوننىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
نۇتۇقتىن كېيىن، تەخمىنەن 130 مىڭ يېمەكلىك پوسۇلكىسى ۋە ھەر خىل يېمەكلىك ئەشيالىرى، شۇنداقلا تازىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە پاناھلىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 3000 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاچىلانغان پاراخوت، سومالىنىڭ مۇقدىشۇ پورتىغا ئۇزۇتۇپ قويۇدى.