مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ باردى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان لوقمان ئىسمائىل، ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە ئۇجۇقتۇرۇلدى.
2192931
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى 30 يىل بويىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئىچىدە پائالىيەت قىلغان تېررورچى لوقمان ئىسمائىلنىڭ نەق نىشانغا تەگكەن ئوق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ھەقتىكى باياناتتا، سۈرىيەلىك تېررورچى لوقمان ئىسمائىلنىڭ 2015 – ۋە 2016-يىللىرى شىرناكتا يۈز بەرگەن خەندەك/ توسۇق ۋەقەسىدە، تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تەشكىللىگەن كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.