مىنىستىر گۈلەر جون باسنى قوبۇل قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى جون باس بىلەن كۆرۈشتى.

2189168
مىنىستىر گۈلەر جون باسنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر گۈلەر پايتەخت ئەنقەرەدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى جون باس بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

تۈركىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نۇھ يىلمازمۇ جون باس بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەنىڭ بىخەتەرلىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر