مىنىستىر فىدان لىۋاندىكى پارتلاشلار ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان لىۋاندا يۈز بەرگەن رەقەملىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئىسرائىلىيە سۈركىلىشنى قەدەممۇقەدەم لىۋان تەرەپكە بۇرىماقتا» دېدى.

2189258
مىنىستىر فىدان لىۋاندىكى پارتلاشلار ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھرىرلەر ئۈستىلى پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، رىياسەتچىلەرنىڭ لىۋاندا يېقىنقى ئىككى كۈندە يۈز بەرگەن چاقىرغۇ ۋە سىمسىز ئالاقە ئاپپاراتلىرىنىڭ پارتلىتىلىشى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئىستراتېگىيەسى بارلىقىنى، غەززەدىكى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ھۇجۇملىرىنىڭ يۆنىلىشىنى لىۋانغا بۇرايدىغانلىقىنى غەززەگە ھۇجۇم قىلىش باشلانغان 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن فىدان، «ھازىر (ئىسرائىلىيە) قەدەممۇقەدەم (ھۇجۇملىرىنى) لىۋان تەرەپكە قارىتىپ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ لىۋاندا يېقىنقى ئىككى كۈندە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ پارتلىشىنىڭ ئىستىخبارات ساھەسىدە «پۇرسەت ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇنى ناھايىتى كۆپ قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر فىدان تۈركىيەنىڭ تور بېخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇستەقىل تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر