ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21-26-سېنتەبىر كۈنلىرى ئارىلىقىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.

2188645
ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 193 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە نىيۇ يوركتا ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 79-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

24-سېنتەبىر كۈنى ب د ت سۇپىسىدىكى 14-قېتىملىق نۇتۇقىنى سۆزلەيدىغان ئەردوغان، سۆزى جەريانىدا يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى سىستېمىنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى، ب د ت نىڭ قايتا شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇنىڭدىن باشقا نىيۇ يوركتا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ، دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىدۇ. ئۇچرىشىشلاردا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردىن سىرت رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

كۆرۈشۈشلەرنىڭ ئورنى ب د ت باش ئىشتابىغا ناھايىتى يېقىن يەرگە جايلاشقان تۈركىيە ئۆيى بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا سودا دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە؛ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان نىيۇ يوركتىكى يىغىندا تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ۋە ئۆزئارا سودىنى كۆپەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر بىلەن بىرگە، 100 مىليارد دوللارلىق ئورتاق سودا ھەجىمى نىشانى كۈنتەرتىپتە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر