ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدە 14-قېتىم سۆز قىلىدۇ.

2188270
ئەردوغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە دۇنيا رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 24-سېنتەبىر قىلىدىغان 79-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدىكى سۆزىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

ئەردوغان يىغىن دائىرىسىدە يەنە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەنمۇ يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.

ھەر يىلى دۇنيا رەھبەرلىرىنى ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇپ كېلىۋاتقان 79-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى 22-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان «كەلگۈسى باشلىقلار يىغىنى» بىلەن باشلىنىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك ھەپتە دەپ ئاتىلىۋاتقان  يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇتۇق سۆزلەيدىغان يىغىن بولسا، 24-سېنتەبىر باشلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 79-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۈچىنچى بولۇپ سۆز قىلىشى پىلانلانماقتا.

ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا 190 دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر