تۈركىيە – شىۋېتسىيە «بىخەتەرلىك مېخانىزمى» يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا «بىخەتەرلىك مېخانىزمى» يىغىنى ئەتە (19-سېنتەبىر) پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2188395
تۈركىيە – شىۋېتسىيە «بىخەتەرلىك مېخانىزمى» يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىخەتەرلىك مېخانىزمى» يىغىنىغا، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيا مالمېر ستېنېرگارد رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىخەتەرلىك مېخانىزمى» يىغىنى، ئىككى دۆلەت ئورگانلىرى ئارا  تېررورىزم مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

2023-يىلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ۋىلنىيۇس باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا،  تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدا مىنىستىرلار دەرىجىلىك «بىخەتەرلىك مېخانىزمى» ئورنىتىش قارار قىلىنغانىدى.

شىۋېتسىيەنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى  تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى ئاساسىدا، ھەمدە 2022-يىلى 6-ئايدا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىم دائىرىسىدە «يول خەرىتىسى» سىزىپ چىقىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلىغانىدى.

ئۇچرىشىشلاردا، مەزكۇر يول خەرىتىسىگە ئاساسەن،  تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د/ي پ گ،  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قوشۇمچە قەدەملەرنى تاشلاش نىشانى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر