قالىن باكۇ بىخەتەرلىك يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈل-كېسىل تىنچلىقنىڭ رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
2188269
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن 14-، 15-سېنتەبىر كۈنلىرى ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن باكۇ بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقان.
تەخمىنەن 50 دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان باكۇ بىخەتەرلىك يىغىندا رايون ۋە دۇنياۋى خىرىسلار مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئىبراھىم قالىن يىغىندىكى سۆزىدە يەر شارىدىكى ئىشەنچ كىرىزىسى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى ۋە ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىنسانىي ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختالغان.
ئىبراھىم قالىن ئەزەربەيجاننىڭ 44 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن (2020-يىلى ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە) ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلدۇرغان قاراباغنىڭ تۇرمۇشىنى نورماللاشتۇرۇش يولىدا تاشلىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەملىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنىڭ كاۋكاز رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئورنىتىلىدىغان مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ يەنە زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە-ناھچىۋان-تۈركىيە-ياۋروپا لىنىيەلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قالىن، تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ۋە كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە غەززە ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئىككى مۇھىم يەرشارىۋى كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.
ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى خەلقئارا قانۇن ئاساسىدا يېڭى بىخەتەرلىك بىناكارلىقى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق ھاسىل قىلىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۈزۈل-كېسىل تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قالىن يەنە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە غەززە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوچۇق ۋە يېپىق شەكىلدە كۆپ تەرەپلىك ئىستىخبارات دىپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تېرورلۇقنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەھدىت ئىكەنلىكىنى، بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان قالىن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھەممە ئادەم بىخەتەر بولماي تۇرۇپ، ھېچكىمنىڭ بىخەتەر بولالمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى يوقىتىلدى.