ئەردوغان ياشلار بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىشىلىك ھوقۇق تەلىم - تەربىيە لاگىرىدىكى ياشلار بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوجىلىدا 9-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان ۋە 17-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەلىم - تەربىيە لاگىرى پىروگراممىسى مىنىستىرلار، ئاخبارات ۋاستىلىرى مەنسۇپلىرى ۋە ئاكادېمىك مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن داۋاملاشماقتا.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەمزە داغ، پىروگراممىنىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا، ياشلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلدى.
ئەردوغان ياشلارغا تېلېفوندا خىتاب قىلىپ: «سىلەر بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ۋە ئۈمىدىمىز بولىسىلەر» دېدى.
ئەردوغان ياشلار بىلەن بولۇپمۇ تۈركىيەنى مىسلىسىز شەكىلدە قۇدرەت تاپقۇزۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئىزدا توختاپ قالمايمىز، داۋاملىق تىرىشىمىز، ئوقۇيمىز، ئوقۇغانلىرىمىز ئارقىلىق پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىمىز. كەلگۈسى ئەۋلادلار سىلەرنىڭ بۈگۈن ئوقۇغانلىرىڭلار، بىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىز بويىچە كېلەچەكنىڭ قۇدرەتلىك تۈركىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتكۈزىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.