قالىن ھاماس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم قالىن ئەنقەرەدە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

2187151
قالىن ھاماس رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ئىنسانىي تىراگېدىيە داۋاملىشىۋاتقان غەززەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش، رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان كونكرېت قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، ھاماسنىڭ سۆھبەت جەريانىدىكى ئىجابىي پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلارنى ماقۇللاش ئارقىلىق قوللىغان ۋە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان تەكلىپ پىلانىغا يېڭى شەرتلەرنى قوشۇشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باسقۇچىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى بۇ باسقۇچتا مۇھىم رول ئويناپ، ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، ئىسرائىلىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بارلىق ئاكتىيورلار بىلەن كۈچلۈك دىپلوماتىيەنى يولغا قويماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر