فىدان: ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتۇر
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھەم ئىسرائىلىيە ھەم پەلەستىن تىنچ ۋە بىخەتەر بىللە ياشىيالايدىغان ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقە گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېسنىڭ ساھىبخانىلىقىدا مادرىدتا ئىسپانىيە، سلوۋېنىيە، نورۋېگىيە، ئىرېلاندىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن داۋاسىنى قوللىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز بىلەنمۇ كۆرۈشكەن مادرىدتىكى ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش پىلانىغا قارىتا قوللاشنىڭ بارغانسېرى يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. بارغانسېرى كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى ۋە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدىكى ئىسرائىلىيەنى سوتلاش ئىشلىرىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى ئادالەت ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىزگە ئۈمىد چىرىغى ياندۇرماقتا.»
«ئىسرائىلىيەنىڭ ھېچقانداق بەدەل تۆلىمەسلىكى ۋە ئامېراكىنىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشى خەلقئارا سىستېمىنى ۋەيران قىلدى، بۇنى ھازىر غەرب دۆلەتلىرىمۇ چۈشىنىپ يەتتى.»
«دۇنيا جامائەتچىلىكى پەلەستىن مەسىلىسىگە ئىسرائىلىيە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىئىينەزەرىدىن قارايدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى. دەرۋەقە، نۆۋەتتە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ۋىجدانى ئويغاندى. ھەم ئىسرائىلىيە ھەم پەلەستىن تىنچ ۋە بىخەتەر بىللە ياشىيالايدىغان ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتتۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.