ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىندى
ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، يەرلىككە قويۇش ئۈچۈن ئىزمىرغا ئەۋەتىلدى.
2186822
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتى ئەزەربەيجاندىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، يەنە ئايروپىلان بىلەن ئىزمىرغا يەرلىككە قويۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئەيگىنىڭ ئوق تېگىش سەۋەبىدىن «ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭدا قەستنىڭ يوقلۇقى» نى، ئەيگىغا ئوق چىقارغان ئىسىرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ «باشقا نامايىشچىنى قارىغا ئالماقچى بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 11-سېنتەبىر (2024) ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەيگىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «بۇنىڭ ھادىسە ئىكەنلىكى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ئېتلغان ئوق يەردىن چاچراپ ئۇنىڭغا تېگىپتۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.
ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ، ئەيگىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ «تىراگېدىيەلىك خاتالىقنىڭ ئاقىۋىتى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.
ئەسلى تۈركىيەلىك ئامېرىكا پۇقراسى بولغان 26 ياشلىق ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى 6-سېنتەبىر ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى نابلۇس شەھىرىگە قاراشلىق بەيتا بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسىرائىلىيەگە قارشى نامايىشتا، ئىسىرائىلىيەلىك مەرگەن تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.