ئىراقنىڭ شىمالىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا 7-سېنتەبىردىن 9-سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 19 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئىراقنىڭ شىمالىدا 2024 - يىلى 7-سېنتەبىردىن 9-سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، گارا رايونىدا 10، خاقۇرۇق رايونىدا 6، قەندىل رايونىدا 3 بولۇپ، جەمئىي 19 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىزنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان شەكىلدە، ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە، تېز ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.