ئىراقنىڭ شىمالىدىن قاچقان 2 تېرورچى تەسلىم بولدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھ جايلاردىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى شىرناق ۋىلايىتىنىڭ سىلوپى ناھىيەسىگە جايلاشقان خابۇر چېگرا ئېغىزىدىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىغا تەسلىم بولدى.
2186346
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پاناھ جايلاردىن قاچقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى، خابۇر چېگرا ئېغىزىدىكى چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىمىزغا تەسلىم بولدى. تېررورچىلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى تۈركىيە ئەدلىيەسىگە تەسلىم بولۇشتۇر.»