مىنىستىر گۈلەر توقايېۋ بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومەرت توقايېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، توقايېۋ بىلەن گۈلەر پايتەخت ئاستانادىكى ئاكوردا پىرېزىدېنت سارايىدا كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
پىرېزىدېنت توقايېۋ قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىنى يوللىغان. شۇنداقلا قازاقىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
مىنىستىر گۈلەر تۈركىيەنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشەنچ ۋە ئۆزئارا قوللاش روھىغا ئاساسەن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى قەيت قىلغان. شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى يوقىتىلدى.