مىنىستىر فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

2186510
مىنىستىر فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى قېتىمقى مادرىد يىغىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك چاقىرىلىدىغان يىغىنغا، مىنىستىر فىدان، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، نورۋېگىيە نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېسپېن بارس ئېيد، سىلوۋېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تانجا فاجون، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇلغەيىت، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، نىگېرىيە ۋە ئېرلاندىيە ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.

يىغىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىغا دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق خاتىمە بېرىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش، كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش پىلانىنى جانلاندۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

يىغىن دائىرىسىدە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى - ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر