فىدان ئۆزبېكىستاندا
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ۋە تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سەيدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.
فىدان ئۇچرىشىشتا، ئۆزبېكىستاننىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھەمكارلىقنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىرادىسى ئىنتايىن قەتئىي. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى زامانىمىزغا لايىق رەۋىشتە كۈچەيتىش ۋە تۈزۈملەشتۈرۈش تۈرك دۇنياسى ئۈچۈنمۇ، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
6-ئايدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيە-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنى چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ يەنە، بۈگۈن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ۋە تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئىبراھىم قالىن بىلەن بىرلىكتە تاشكەنتتە مۇھىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىيۇندا چىقارغان قارارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.