95 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئالدىنقى ھەپتە 95 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2186575
95 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش پىلانىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 95 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن،  1 – يانۋاردىن بۇيان ئىراقنىڭ شىمالىدا 983، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 980 بولۇپ، بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى  1963 كە يەتكەن.

2-ۋە 9-سېنتەبىر كۈنلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، زاپ، گارا، خاقۇرق، قەندىل ۋە ئاسوس قاتارلىق جايلاردىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا،  تېررورچىلارنىڭ كاتتىباشلىرىمۇ پاناھلىنىۋاتقان غارلار، پاناھ جايلار، ئۆڭكۈرلەر، ئامبارلار ۋە مۇئەسسەسەلەردىن تەشكىل تاپقان 41 نىشان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن مىللىي ۋە يەرلىك قورال - ياراغ ھەم ئوق-دورىلار ئىشلىتىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 27 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر