ئەردوغان قىرىم مۇنبىرىگە سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللىشىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. قىرىمنىڭ ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى خەلقئارا قانۇننىڭ تەقەززاسى» دېدى.

2186097
ئەردوغان قىرىم مۇنبىرىگە سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 4-نۆۋەتلىك قىرىم سۇپىسى باشلىقلار يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇر ئەۋەتتى.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەشكىللىنىشىگە تۆھپە قوشقان بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ مىللىي رەھبىرى مۇستاپا قىرىمئوغلۇغا رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قىرىم تاتار خەلقىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 80-يىلىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ۋەتىنىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغان قىرىم تاتار تۈركى قېرىنداشلار دۇچار بولغان پاجىئەنىڭ ئازابىنىڭ 80 يىلدىن بۇيان بېسىقمىغانلىقىنى، جاراھەتلەرنىڭ ساقايمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «تۈركىيە بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا قارشى تۇرغان ۋە ئېتىراپ قىلمىغان قىرىمنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرردى. بىزنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللىشىمىز ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. قىرىمنىڭ ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى خەلقئارا قانۇننىڭ تەقەززاسىدۇر» دېدى.

قىرىمنىڭ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ بىرى بولغان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامان-ئېسەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈركىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنئەردوغان: «مەن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ يولىنى ئاچقان قانۇن بەلگىلىمىلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرمەكچىمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش يولىدا قوشۇمچە قەدەملەر تاشلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە بىخەتەر ۋە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى مۇئاۋىن رەئىسى نەرىمان جەلالنىڭ تەخمىنەن ئۈچ يىللىق ئاسارەتتىن كېيىن ئىيۇن ئېيىدا قويۇپ بېرىلىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بىز ئاسان ۋە ئەزىز ئەھمەتوف ئاكا-ئۇكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قىرىم تاتار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېزرەك ئەركىنلىكىگە نائىل بولۇشىنى كۈتمەكتىمىز.

ئۇرۇشنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ئاساسىدا ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق بىلەن ئاخىرلىشىشى بىزنىڭ سەمىمىي ئارزۇيىمىز. مەن سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، سۇپا دائىرىسىدىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ قىرىم، ئۇكرائىنا ۋە رايونىمىزنىڭ تىنچلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋاپات بولغان قىرىم تاتار تۈركى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدىرلىك ئەسلىمىلىرىمنى يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر