فىدان، يەرلىكايا ۋە قالىن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ.

2186172
فىدان، يەرلىكايا ۋە قالىن ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، فىدان، يەرلىكايا ۋە قالىننىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا تۇنجى قېتىم «ئۈچ ئورگان» كېڭەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

بۇ يىغىندىن باشقا، تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورگانلار ئارا تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاقىدار پىلانلار مۇقىمدىلىدىكەن.

مىنىستىر فىدان زىيارىتى دائىرىسىدە ئۆزبېكىستانلىق مەنسەپدىشى بەختىيار سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

يىغىن جەريانىدا، 6-ئايدا تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئۆزبېكىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىلىدىكەن.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىقتىساد، مۇداپىئە سانائىتى، ئېنېرگىيە، قاتناش، مەدەنىيەت، مائارىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەر، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

زىيارەت دائىرىسىدە، رايون خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار، رايون ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارغا ئەتراپلىق قاراپ چىقىلىدىكەن.

فىداننىڭ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر