فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنى قەتل قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى

مىنىستىر خاقان فىدان تۈركىيە پۇقراسى پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقنى قوللايدىغانلارنىمۇ زەربە نىشانى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2185805
فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنى قەتل قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 162-نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ 6-سېنتەبىر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھەم تۈركىيە ھەم ئامېرىكا پۇقراسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى ھەققىدە توختىلىپ، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ بارلىق ۋىجدان ئىگىلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەيگىگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلىگەن فىدان، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا: «بۇ ۋەقە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەتتا تىنچلىقنى قوللايدىغانلارنىمۇ زەربە نىشانى قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، بىز بۇ جىنايەتنىڭ قانۇنىي نۇقتىدىن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىمىز. بىز ئايشەنۇر قېرىندىشىمىزنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىسىنىڭ ئازابلىرىنىمۇ ئورتاقلىشىمىز» دېدى.

ھەم تۈركىيە ھەم ئامېرىكا پۇقراسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى 6-سېنتەبىر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)دىكى نابلۇس شەھىرىنىڭ بەيتا بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش نامايىشى جەريانىدا ئىسرائىلىيەلىك بىر مەرگەننىڭ بېشىنى نىشانغا ئېلىپ ئوق ئېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر