ئەردوغان ساياھەتچىلىكتە 2024–يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساياھەت پەسلىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ 60 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانىغا يېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2185354
ئەردوغان ساياھەتچىلىكتە 2024–يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن، خەلققە خىتاب قىلدى.

ئەردوغان 1-سېنتەبىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «Rixos Tersane İstanbul» مېھمانخانىسىنىڭ، ئىستانبۇلنىڭ ساياھەتچىلىكى ۋە تونۇشتۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلتۇر 17 مىليون 370 مىڭ ساياھەتچىنىڭ ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە دۆلەت مىقياسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 56 مىليون 700 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ بۇ يىلقى نىشانىمىز 60 مىليون ساياھەتچى ۋە 60 مىليارد دوللارلىق ساياھەت كىرىمىدۇر. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 ئېيىدا 35 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق. رايونىمىزدىكى ئېغىر توقۇنۇشلارغا قارىماستىن، ساياھەتچىلىكتە 2024 – يىللىق نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر