فىدان: نېتانياھۇنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ شېرىكلىرىدۇر
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «نېتانياھۇنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شېرىكلىرى بولۇپ، ئۇلارمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېدى.
2185670
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فىدان مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 162-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە ھەرەم-شەرىفنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىگە دەخلى قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان مىنىستىر خاقان فىدان: «يۈزلەرچە ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ھەرەم-شەرىفكە ھۇجۇم قىلىشى قەبىھ ئىغۋاگەرچىلىكتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇ مىنىستىرلارنىڭ بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە ئارىلىشىشىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاقىي يىمىرىلىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: « ھەممە ئادەم شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئىسلام دۇنياسى ھەرەم شەرىفنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. يەنە شۇنداق روھ بىلەن، ھەممىمىز ئورتاق ھەرىكەت قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.
تۈركىيەنىڭ جەنۇبى ئافرىقانىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزنامىسىگە ئارىلىشىش ئىلتىماسىنى مەھكىمىگە تاپشۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن فىدان، غەززەدە تۆكۈلۈۋاتقان قاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇملىرىنىڭ جازالانمىغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىر فىدان: «بۇ قېتىم ئۇ باشقىچە بولۇشى كېرەك. جاۋابكارلار چوقۇم خەلقئارا سوتلاردا جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بىر ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك: نېتانياھۇنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلار داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شېرىكلىرى بولۇپ، ئۇلارمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.