ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتىنى تۈركىيەگە ئايروپىلان بىلەن يۆتكەش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئۆلتۈرۈلگەن تۈرك پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2184764
ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتىنى تۈركىيەگە ئايروپىلان بىلەن يۆتكەش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ جەسىتىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆنجۈ كەچەلى پەلەستىندىن ئىيوردانىيەگە ئۆتىدىغان يول ئېغىزىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۈنۈگۈن (8-سېنتەبىر يەكشەنبە) دىن بېرى تاقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ دائىرىدە، پۇقرايىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جەسەتنى يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ كېچىكمەسلىكى ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن بىۋاسىتە تۈركىيەگە ئەكىلىشكە تىرىشىۋاتىمىز، خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشى ئۈچۈن قۇددۇستىكى كونسۇلخانىمىز يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، رەسمىيەتلەرنىڭ بېجىلىرىلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ لوس ئانژېلىتىكى كونسۇلخانىمىز پۇقرايىىمىزنىڭ (ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق) ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىشىنى ماسلاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەرھۇمەنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جەسەتنىڭ ئايدىنغا قاراشلىق دىدىم ناھىيەسىگە دەپنە قىلىنىشى پىلانلانماقتا» دېدى.

ئامېرىكا پۇقرالىقىمۇ بولغان تۈرك پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگى 6 - سېنتەبىردە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ نابلۇس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىنچ نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتقان ئوقى بېشىغا تېگىپ قازا قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر