تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىسىغا رەددىيە بەردى.

2184504
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا رەددىيە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتزنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ۋە تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان يازمىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كاتزنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھەققىدە تۆھمەت ۋە يالغانچىلىق بىلەن تولغان يازما ھەمبەھىرلىگەنلىكى تەكىتلىنىپ: «مەزكۇر كىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىغا قارا داغ چۈشۈرىۋاتقان نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىدىمۇ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق. كاتز دۆلىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىسى ئىچىدىكى ئورنىنى قوغداشقا ئۇرۇنماقتا» دېيىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىشنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر