يەرلىكايا: «دىيارباقىر ئانىلىرى» نىڭ نامايىشى سايىسىدا 55 پ ك ك ئەزاسى تەسلىم بولدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا «دىيارباقىر ئانىلىرى» نىڭ نامايىشى سايىسىدا 55 پ ك ك ئەزاسىنىڭ قايىل قىلىنىپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2183038
يەرلىكايا: «دىيارباقىر ئانىلىرى» نىڭ نامايىشى سايىسىدا 55 پ ك ك ئەزاسى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى يەرلىكايا «دىيارباقىر ئانىلىرى» نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن  تۇتقۇن قىلىنىپ تاغقا ئېلىپ قېچىلغان بالىلىرى ئۈچۈن سابىق خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (ھ د پ) نىڭ ۋىلايەتلىك بىناسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزۈشى نەتىجىسىدە 6 يىل ئىچىدە 55 تەشكىلات ئەزاسىنىڭ قايىل قىلىنىپ تەسلىم بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر يەرلىكايا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، «دىيارباقىر ئانىلىرى» نىڭ ئەۋلادلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇش نامايىشىنىڭ 6 – يىلغا قەدەم قويغانلىقىنى، «دىيارباقىر ئانىلىرى» نىڭ سەۋرچانلىق ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ  دەرد – ئەلەملەر بىلەن تولۇپ تاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەمما بالىلىرىنى ئۆز قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىشكە كەلگەندە، بۇ ئانىلار   دىيارباقىر سېپىللىرىدىنمۇ بەكرەك سەۋرچاندۇر، كۈچلۈكتۇر. دەرۋەقە، ئۇلارنىڭ ساۋرچانلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نامايىشلىرى نەتىجىسىدە 6 يىل ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 55 ئەزاسى قايىل قىلىنىپ تەسلىم بولدى. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى تارمار قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر