ئەردوغان «سىۋاس قۇرۇلتايى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «سىۋاس قۇرۇلتايى» نىڭ 105 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

2183020
ئەردوغان «سىۋاس قۇرۇلتايى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باياناتىدا، «سىۋاس قۇرۇلتايى» دا ھەر خىل ئىمكانسىزلىقلارغا قارىماي قەتئىي ئىرادە بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى قوغداپ قالغان تۈركىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پارلاق ئىستىقبالنىڭ مۇھىم باشلانغۇچ نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان «سىۋاس قۇرۇلتايى» دا چىقىرىلغان تارىخىي قارارلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا يول ئېچىپلا قالماي، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىستىقبالىنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدىن 105 يىل ئىلگىرى سىۋاستا مۇستەقىللىق ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن يورۇتۇلغان مەشئەل، بۈگۈنكى كۈندىمۇ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يېتىش سەپىرىمىزدە يولىمىزنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. شانلىق تارىخىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان، قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز  بىلەن ئوخشاش روھ ۋە ئاڭغا ئىگە ياش ئەۋلادلار، دۆلىتىمىزنى تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى مۇساپىسى نىشانىغا يەتكۈزىدۇ.

«بۈگۈن بىزمۇ قەدەملىرىمىزنى <سىۋاس قۇرۇلتايى> دا چىقىرىلغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىرىنى شەكىللەندۈرگەن قارارلارغا ساداقەت بىلەن ئەمەل قىلىش ئېڭىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا تاشلاۋاتىمىز. <سىۋاس قۇرۇلتايى> نىڭ 105 – يىللىق خاتىرە كۈنىدە، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىمەن،  بۇ قۇرۇلتايغا ساھىبخانىلىق قىلغان سىۋاسلىقلار ۋە پۈتكۈل خەلقىمگە چىن دىلىمدىن قىزغىن سالام يوللايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر