رۇسىيەنىڭ ئانتاليادىكى كونسۇلخانىسى يېڭى بىناسىغا كۆچتى

رۇسىيەنىڭ ئانتاليادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭى مۇلازىمەت بىناسى ئېچىلدى.

2183302
رۇسىيەنىڭ ئانتاليادىكى كونسۇلخانىسى يېڭى بىناسىغا كۆچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئانتاليا مۇراتپاشادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ يېڭى مۇلازىمەت بىناسىنىڭ ئېچىلىشىغا، ئانتاليا ۋالىيسى خۇلۇسى شاھىن، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يەرخوۋ، ئانتاليا شەھەر باشلىقى مۇھىتتىن بۆجەك، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تاتيانا موسكالكوۋا ۋە مۇناسىۋەتلىك  ئىدارە- ئورگانلارنىڭ مۇدىرلىرى، ھەمدە بەزى دۆلەت كونسۇللىرى قاتناشتى.

رۇسىيەنىڭ ئانتاليادىكى كونسۇلى سېرگېي ۋېترىك سۆزىدە، كونسۇلخانىنىڭ يېڭى ۋە زامانىۋى بىناغا كۆچكەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كونسۇلخانىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانىنىڭ ھەر يىلى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋېترىك دەم ئېلىش ئۈچۈن ئانتاليانى تاللىغان رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ 10 نەچچە مىڭ رۇسىيە پۇقراسىنىڭ ئانتاليادا ياشايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ھەر يىلى بىر قانچە مىليون رۇسىيەلىك ئانتالياغا دەم ئېلىشقا كېلىدۇ. 2023-يىلى 3 مىليون 500 مىڭ رۇسىيەلىك ئانتالياغا كەلدى. بىزنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش دائىرىمىز مۇغلا ۋىلايىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ، ئۇ يەردىمۇ نۇرغۇن پۇقرالىرىمىز بار» دېدى.

ئۇ كونسۇلخانا مۇلازىمەتلىرىدىن باشقا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن رۇسىيە-تۈركىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر