مىسىر پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ

ئەنقەرە ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مىسىر پىرېزىدېنتىنىڭ زىيارىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

2183040
مىسىر پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن (4-سېنتەبىر) تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

ئەردوغان مىسىر پىرېزىدېنتى سىسىنى بەشتەپە سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ.

زىيارەت جەريانىدا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە-مىسىر ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 10 مىليارد دوللار بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى دائىرىسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، ئېنېرگىيە، سەھىيە، ساياھەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە رايونغا يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمۇ زىيارەتنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەردوغان بىلەن سىسى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەر، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش يولىدا ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر