مىسىر پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلدى

ئەنقەرە ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مىسىر پىرېزىدېنتىنىڭ زىيارىتىگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا.

2183209
مىسىر پىرېزىدېنتى تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن (4-سېنتەبىر) ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان سىسى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

سىسىنىڭ زىيارىتىدە، ئىككى رەھبەر تۈركىيە-مىسىر ئىستراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 10 مىليارد دوللار بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى دائىرىسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، ئېنېرگىيە، سەھىيە، ساياھەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە رايونغا يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىمۇ زىيارەتنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەردوغان بىلەن سىسى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەر، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتىش يولىدا ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر