244 نەپەر قەھرىمان تۈرك ئەسكىرى ئامېرىكاغا ئۈلگە بولدى

ئامېرىكا ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى قەھرىمان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئۈلگە بولغانلىقى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

2183089
244 نەپەر قەھرىمان تۈرك ئەسكىرى ئامېرىكاغا ئۈلگە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، كورېيە ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان 244 نەپەر تۈركىيە ئەسكىرى ياراتقان ئوبرازنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم - تەربىيەسىنى باشتىن ئاخىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىش، ئۇرۇش قىلىش، ھايات قېلىش، قېچىش، قۇتۇلۇش ۋە سوئال-سوراققا تاقابىل تۇرۇش مەشىقلىرى» نى، تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ئۈلگە قىلىپ قايتىدىن تۈزۈپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر