ئەلى يەرلىكايا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەققىدە يېڭى ئۇچۇر بەردى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا شىرناكنىڭ جۇدى تېغى يېزىلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوق-دورا ئىسكىلاتى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان ئۆڭكۈرنىڭ پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى باياناتىدا، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ شىرناكنىڭ جۇدى تېغى يېزىلىرىدا «گۇرز -12» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.
مىنىستىر يەرلىكايا ھەرىكەت جەريانىدا تېررورچىلار ئوق- دورا ئىسكىلاتى سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقان ئۆڭكۈرنىڭ بايقالغانلىقىنى، نۇرغۇن پارتلاتقۇچ دورا، قورال ۋە تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ھەمدە ئۆڭكۈرنىڭ پارتلىتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەرلىكايا يازمىسىدا مۇنداق دېدى:
«تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەشيا ئوبوروتى ئۈچۈن ئىشلىتىش ۋە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئۆڭكۈرلەر بايقالدى ۋە يوق قىلىندى. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ يىلنىڭ 365 كۈنىدە، 4 پەسىل، 12 ئاي، كېچە-كۈندۈز ھەم شەھەر، ھەم يېزىلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قەھرىمان قوراللىق ساقچى-ئەسكەرلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان قاتاردا سۈرىيە مۇزاكىرە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بەدىر جاموس بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.