تۈرك ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتى زەپەر ئۈچۈن ئۇچتى
تۈرك ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتى «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتى «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، ئەنقەرەدىكى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرەسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارايى سامالىرىدا ھۆرمەت ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتى «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، ئەنقەرەدە 28-ئاۋغۇست تونۇشۇش ۋە 29-ئاۋغۇست رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇچتى.
«30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئۇچۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتى، بۈگۈن ئاتاتۈرك خاتىرە سارايى سامالىرىدا ھۆرمەت ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، تۈرك ئۇچقۇچى چولپانلار ئەترىتى «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدىكى ئۇچۇشلىرىنى «موگان كۆلى» ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش بىلەن تاماملايدىكەن.