رەھبەرلەر «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلىدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش: «30 – ئاۋغۇست ۋەتەنى، بايراقى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلچە ئويلانماستىنلا دەپ جەڭ مەيدانىغا شىردەك ئېتىلغانلار يازغان زەپەر داستانىدۇر» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نىڭ 102 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«بىزگە نىسبەتەن 30-ئاۋغۇست ۋەتەن ئىشقىدا قايتا تۇغۇلغان، بۇ تۇپراقلاردا ئەبەدىي ۋە ئەركىن مەۋجۇت بولۇپ ياشاش كۈنىدۇر. <30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى> مىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، تارىخنىڭ ھەرقانداق بىر دەۋرىدە ئاسارەتنى قوبۇل قىلىپ باقمىغان مىللىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلغان بۇ شەرەپلىك مەيدانى بۇگۈنكى كۈندىمۇ بىردىنبىر بىزنىڭ چىقىش نۇقتىمىزدۇر. ۋە ئىلھام مەنبەمىزدۇر.»
«چوڭ ئۇرۇش ۋە مىسلىسىز زەپەر جاھانگىر كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان شەرەپلىك كۈرەش سۈپىتىدە مەزلۇم (ئېزىلگەن) مىللەتلەرگە ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىمىزدا غەلىبە يولىنى يورۇتۇپ بەردى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلدى.»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ قۇدرەت تاپقان بىر تۈركىيەنى مىراس قالدۇرۇشىمىز ۋە <تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى مۇساپىسى> نىشانىمىزغا غەلىبە بىلەن يېتىشىمىز ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئىشلەنى داۋاملاشتۇرىمىز.»