«30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە
«30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە چەت ئەللەردىكى تۈركىيە ۋاكالەتخانىلىرىدا تەنتەنىلىك تەبرىكلەنمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا باشلاندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «مىساقى مىللىي <دۆلەت ئەھدىنامەسى>» مۇنارىدا ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى ۋە دەپتەرگە مۇنداق دەپ يازدى:
«ھۆرمەتلىك ئاتاتۈرك، جۇمھۇرىيەتنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشانىمىزغا قاراپ قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. كۈرىشىمىزنى <تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى مۇساپىسى> نىشانىمىزغا يەتكەنگە قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلدى.
ئەردوغان «30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
«30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» نىڭ 102 – يىللىق خاتىرە كۈنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىقمۇ تەبرىكلىنىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلىدۇ.
«30 – ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى» پەقەت پايتەخت ئەنقەرەدىلا ئەمەس، 81 ۋىلايەتنىڭ مەيدانلىرىدا ۋە ۋالىي مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملار ئارقىلىقمۇ تەبرىكلىنىدۇ.