دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: قەھرىمان قىسىملىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «فىرات قالقانى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 8-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
2179354
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:
«دائېش قاتارلىق سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن ‹فىرات قالقانى› ھەربىي ھەرىكىتىمىزنىڭ 8 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئارمىيەمىز ۋە قەھرىمان قىسىملىرىمىزغا قىزغىن سالام يوللايمىز، ئارمىيەمىز ۋە قەھرىمان قىسىملىرىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، غازىلىرىمىزغا ئېسەنلىك، بەخت - سائادەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمىز.»