تۈركىيە ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە مىنىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە رادىكال ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشىنىڭ سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان قۇتراتقۇلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2175202
تۈركىيە ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «مىنىستىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە رادىكال ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشى قۇددۇسنىڭ تارىخىي سالاھىيىتىنى دەپسەندە قىلىش بولۇپ، رايونىمىزدىكى داۋالغۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغان بىر قۇتراتقۇلۇقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«بۇ قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا: «خەلقئارا جەمئىيەت دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى توختىتىشى ۋە پۈتكۈل رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقىنى زەربە نىشانى قىلغان بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك» دېيىلدى.

پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىكلەر تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ گۇرۇپپىلار ھالىتىدە مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر