مەھمۇد ئابباس بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

2175207
مەھمۇد ئابباس بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارىدىن 5 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، پايتەخت ئەنقەرەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئەردوغان-ئابباس ئۇچرىشىشىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى، رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلەر، رايوندىكى جىددىيچىلىك، بولۇپمۇ ئىران-ئىسرائىلىيە جىددىيچىلىكى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مەھمۇد ئابباس 15-ئاۋغۇست تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (TBMM) ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىدۇ.

ئابباسنىڭ پارلامېنتتا قىلىدىغان سۆزى 31-ئىيۇل پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى ئەڭ كۈچلۈك قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ پەلەستىننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر