فىدان قاتار ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن رايون ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

خاقان فىدان قاتار ۋە مىسىرلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرىنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى تارتىۋالغان ئاشقۇن يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرىشى ۋە غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2175218
فىدان قاتار ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن رايون ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇللاتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

تېلېفون سۆھبەتلىرى جەريانىدا، رادىكال ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قىلغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمى، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭ قانات دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىر ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ نەجەف ۋە جەلىلە تەرەققىيات مىنىستىرى يىتزاق ۋاسسېرلاۋ ۋە زور تۈركۈمدىكى ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

قۇددۇس ئىسلامىي ۋەخپىلەر ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈنكى باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسىگە تەخمىنەن 2250 ئاشقۇن يەھۇدىينىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بەزى ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقسادا سەجدە قىلىپ، تالمۇد ئوقۇغانلىقى كۆرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر