تۈركىيە گىرېتسىيەگە ياردەم قىلدى
تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن بۇ دۆلەتكە ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ۋە بىر تىك ئۇچار ئەۋەتىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئونجۈ كەچەلى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
« قوشنىمىز گىرېتسىيەنىڭ پايتەخت ئاتىناغا تەسىر كۆرسەتكەن ئوت ئاپىتىگە تاقابىل كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ دۆلەتكە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ۋە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىش خىزمىتى باشلاندى.»
تۈركىيە گىرېتسىيەگە پايتەخت ئاتىناغا يېقىن ۋارناۋادا باشلانغان ۋە كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن دائىرىسى ئاتتىكىنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغىچە كېڭەيگەن ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرىشىگە ياردەم بېرىش تەكلىپى سۇنغانىدى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە گىرېتسىيەگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئاتىناغا يەتكۈزگەن.
گىرېتسىيە تەرەپ بۇ تەكلىپنى ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا تۈركىيەدىن ياردەم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ۋارناۋادا يەكشەنبە كۈنى باشلانغان ۋە شىددەتلىك شامال سەۋەبىدىن دائىرىسى ۋرىلىسياغىچە كېڭىيىپ كەتكەن ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن بىر جەسەت تېپىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر جەسەت ئوت ئاپىتى جەريانىدا يوقاپ كەتكەن ۋە ئىزدېرىكى بولمىغان تەخمىنەن 65 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالغا ئائىت ئىكەن.